![]() |
ئۈزۈندە: جۇڭگو مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكولتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جىن سەنرۇڭ 28-دېكابىر ‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى› مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىراننىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىدىن ناھايىتى تىت-تىت بولۇۋاتقانلىقىنى، ئىراننىڭ ھازىرقى ئەمەلىي كۈچىنىڭ ئامېرىكىنى كەسكىن قارار چىقىرالماسلىققا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
29-دېكابىر نەشىردىن چىققان ‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى›نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا چوڭ سايلىمىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مەزگىلىدە، دېمۇكراتلار ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى ئاجايىپ بىر سىياسىي سۇيقەستنى ئويلاپ چىققان بولۇپ، كېيىن بۇ ‹ئۆكتەبىر زىلزىلىسى› دەپ ئاتالغانىدى. ‹ئامېرىكا مۇلاھىزە پېشۋاسى گېزىتى› يېقىندا خەۋەر ئېلان قىلىپ، ئىران مەسىلىسىنىڭ كېلەر يىلىدىكى پرىزدېنت سايلىمىغا نىسبەتەن يەنە بىر قېتىملىق ‹ئۆكتەبىر زىلزىلىسى› بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، دەپ قارىدى. خەۋەردە يەنە ئىراننىڭ يادرو پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى تۇنجى دۆلەت بولۇپ قېلىش تەھدىتىنىڭ كۈچىيىشى، ۋاشىنگتوندىكى مۇتەئەسسىپ سىياسىي مۇلاھىزىچىلەرنىڭ پاراڭ تېمىسى بولۇپ قالدى، دېيىلدى.
جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرقىي ئاسىيا، ئافرىقا تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى يىنگاڭ 28-دېكابىر ‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى› مۇخبىرىغا ئۆز پىكرىنى بايان قىلىپ ‹ ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا، سادام ۋە قازافى ئۇچىغا چىققان ئۆكتەم ئادەملەر ھېسابلىنىدۇ. ھالبۇكى، ئىران ئۆزىنىڭ مۇستەھكەم ھاكىمىيىتى بىلەن ئامېرىكىغا جەڭ ئېلان قىلىۋاتىدۇ. ئافرىقا ئەللىرىدىكى دۆلەتلەرگە نىسبەتەن، ئىران ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئەڭ كۈچلۈك ھۇجۇم تەشكىللىيەلىگەن دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. يەر سىياسەتشۇناسلىقى بويىچە باھا بەرگەندە، ئىران دۇنيادىكى مەركەزلىك فۇنكىسىيىگە ئىگە دۆلەت بولۇپ قالدى.› دېدى.
ئۇ يەنە ناۋادا ئىران ئۆز پىكرىدىن يانمىسا، ئامېرىكا-ئىران ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىنلىقىنى، ئىراننىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئامېرىكا تەرىپىدىن ئۇجۇقتۇرۇلغان ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت بولۇپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى. يىنگاڭ يەنە ‹ئەمما بۇ ئۇرۇش بەلكىم ئىراننىڭ زىيان تارتىشى بىلەن خاتىمىلىنىشى مۇمكىن، ئۇرۇشنىڭ بەلكىم ئۇنچە تېز پارتلىماسلىقى مۇمكىن، چۈنكى ھەر ئىككى تەرەپ بەلگىلىك كېڭىشىش ۋە تەييارلىق قىلىش باسقۇچىنى بېسىپ ئۆتۈشى كېرەك.› دەپ كۆرسەتتى.
| تور بېكەت ھەققىدە | مۇلازىمەتلەر | سەھىپىلىرىمىز | ئېلان بېرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | ھەمكارلىشىڭ | بېكەت خەرىتىسى | پىكىر بېرىڭ |ئۇلــنىش تـور بېكىـتى |
| بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : ئۇيغۇر ياشلار تور بېكىتى گە تەۋە، بارلىق ھوقۇق تورداشلارغا مەنسۇپ، مەزمۇنلارنى ئېگىسىدىن سوراپ خالىغانچە كۆچۈرۈرۋېلىڭ !!!. |
| Copyright © 2003-2012 Yaxla Webseti. All Rights Reserved. Yaxla.Com 版权所有 |
| پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى |