![]() |
ياپۇنىيە قۇرال-ياراغ ئېكىسپورتى چەكلىمىسىنى بوشايتىشى بىلەن، دۆلەت ئىچىدىكى ھەربىي سانائەت كارخانىلىرى چوڭ پۇرسەتكە ئىگە بولدى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تاراتقۇلار بىردەك ياپۇنىيە ھەربىي ئەمەلىي كۈچىنىڭ ئاسىيادا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. يەر شارى تورى 28-دېكابىر خەۋىرى: ياپۇنىيىنىڭ قۇرال ئېكىسپورتى چەكلىمىسىنى زور دەرىجىدە بوشاشتۇرۇشى بىلەن، دۆلەت ئىچىدىكى ھەربىي سانائەت كارخانىلىرى چوڭ بىر پۇرسەتكە ئېرىشتى، تاراتقۇلار بىردەك ياپۇنىيە ھەربىي ئەمەلىي كۈچى ئاسىيادا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، دەپ پەرەز قىلىشتى. كورىيە ‹ئاسىيا ئىقتىسادى گېزىتى› نىڭ 27-دېكابىردىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ياپۇنىيىنىڭ نۆۋەتتىكى دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىلا ئۇرۇش ئايرۇپىلانى، سۇ ئاستى پاراخوتى قاتارلىق ئۆتكۈر قۇراللارنى ئىشلەپچىقىرالايدىكەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ياپۇنىيىنىڭ ھەربىي سانائىتى زور كۆلەملىك بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما شىمالىي كورىيە ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشى بىلەن ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كېلىپ، كۈرەشچى ئايرۇپىلان، AEGIS تىپلىق قوغلىغۇچى پاراخوت، سۇ ئاستى پاراخوتى، ھەربىي سۈنئىي ھەمراھ قاتارلىق تېخىمۇ ئىلغار بولغان ئۇرۇش قۇراللىرىنى مۇستەقىل ئىشلەپچىقىرالايدىغان دۆلەتكە ئايلانغان. سۇ ئاستى كېمىسى، ئۇرۇش ئاپتوموبىلى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىق ئۈچ رومبا شەكىللىك سانائەت، ئۇرۇش ئايرۇپىلانى ئىشلەپچىقىرىشتەك فۇجى سانائىتى ۋە ھەربىي كېمە سانائىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان 12 ھەربىي سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ياپۇنىيە قۇرال-ياراغ بازىرىدا ئىگىلەيدىغان نىسبىتى%95 تىن يۇقىرى بولۇپ، بۇ كارخانىلار ئامېرىكا تەرەپنى F-15 تىپلىق كۈرەشچى ئايرۇپىلان، P-3C تىپلىق سۇ ئاستى كېمىسىگە تاقابىل تۇرغۇچى ئايرۇپىلان ۋە ئوتتۇرا مۇساپىلىك يەردىن ھاۋاغا ئېتىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىق ھەربىي ئەسلىھەلەر بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدا توختام يۈزگەن. ‹سېئول خەۋەرلىرى›دە ئېيتىلىشىچە، ياپۇنىيىدە ئۇرۇش ئاپتوموبىلى، قوغدىغۇچى كېمە، ئۇرۇش ئايرۇپىلانى قاتارلىق قۇراللارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانا 1000 دىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ سېتىۋېلىشى زور مىقداردا ئازايغانلىقتىن، بۇ كارخانىلار نەزىرىنى ئېكىسپورت قىلىشقا ئاغدۇرغان. ئەنگلىيىنىڭ ‹ئىقتىسادشۇناس› گېزىتىدە ئېيتىلىشىچە، ياپۇنىيىنىڭ ھەربىي سانائەت سەۋىيىسى ئاسىيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇش بىلەن بىللە يەنە يالغۇز ئۆزىلا مۇداپىئە قىلىش ۋە مۇستەقىل بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەن. ئامېرىكىلىق مۇتەخەسىس سامېرسىن بۇ ھەقتە توختىلىپ ‹ ئامېرىكىدا ھەربىي قۇراللارغا ھۆكۈم قىلىشتا، ئۇلارنىڭ ئىقتىدارى، تەننەرخى ۋە مال تاپشۇرۇش ۋاقتىدىن ئىبارەت ئۈچ ئامىل ئاساس قىلىنىدۇ، ئەمما ياپۇنىيىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش بولسا، قۇرالنى قانداق ياساشنى ئۆگىنىۋېلىش ئىكەن، بۇنى تامامەن تېخىنىكا مىللەتچىلىكى دەپ قاراشقا بولىدۇ.› دېگەن.
| تور بېكەت ھەققىدە | مۇلازىمەتلەر | سەھىپىلىرىمىز | ئېلان بېرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | ھەمكارلىشىڭ | بېكەت خەرىتىسى | پىكىر بېرىڭ |ئۇلــنىش تـور بېكىـتى |
| بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : ئۇيغۇر ياشلار تور بېكىتى گە تەۋە، بارلىق ھوقۇق تورداشلارغا مەنسۇپ، مەزمۇنلارنى ئېگىسىدىن سوراپ خالىغانچە كۆچۈرۈرۋېلىڭ !!!. |
| Copyright © 2003-2012 Yaxla Webseti. All Rights Reserved. Yaxla.Com 版权所有 |
| پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى |