![]() |
1-ئاينىڭ 20-كۈنى ‹زولمەتتىكى رىۋايەت›


سونى بايرىقى ئاستىدىكى كۈمۈش ئىكران گۆھەر شىركىتى قان شورىغۇچىلار ئاساسى تىما قىلىنغان ‹ زۇلمەتتىكى رىۋايەت› 》(Underworld)نىڭ تۆتىنجى بۆلىمىنى سۆرەتكە ئالدى . بۇ قىتىم ئۇلار ھازىر مودا بولىۋاتقان ئۈچ ئۆلچەم تىخنىكىسىنى ئىشلەتمەكچىكەن .
1-ئاينىڭ 20-كۈنى< قىزىل قۇيرۇقلۇق ئايروپىلان >


بۇ كىنودا ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى تەسۋىرلەنگەن بۇلۇپ ، ئامىرىكا بىرىنجى تۈركۈم نېگىر ئۇچقۇچىلار ئەترىتى ئەينى دەۋىردىكى ئېرقى كەمسىتىش ۋى تۈزۈملەر ئۈستىدىن غالىپ كىلىپ ، بىر ئالاھىدە تەجىربە خاراكتىرلىك پارتىلىتىش قوغداش گۇرۇپپىسى-< تاسكىج ئوچقۇچىلار ئەترىتى >نى تەشكىل قىلغان . ئۇلارنىڭ ئايروپىلانلىرىنىڭ قۇيرۇقىغا قىزىل بەلگە ئۇرۇلغان بۇلۇپ بۇ ئۇلارنىڭ لەقىمىگە ئايلانغان.
2-ئاينىڭ 3- كۈنى ‹ئادەتتىن تاشقىرى ئەسلىمە ›

بۇ كىنو ھۆججەتلىك فىلىم ئاساسىدا ئىشلەنگەن فانتازىيەلىك فىلىم بۇلۇپ . فىلىمدىكى ئۈچ ئوتتۇرا مەكتەك ئوقۇغۇچىسى تۇيۇقسىز بىر نەرسىنى بايقاپ قالىدۇ، ۋە ئۇلار ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە بۇلۇپ قالغاندىن كىيىن كىشىلەرنى بۇ ئالاھىدە ئىقتىدارى ئارقىلىق ئەخمەق قىلىپ ئوينايدۇ .
2- ئاينىڭ 10- كۈنى< يەر مەركىزىدىكى خەتەرلىك سەزگۈرەشتە2 >


دوۋن جونسون جوش خاچسىننىڭ ئاپىسىنىڭ ئوغۇل دوستىنىڭ رولىنى ئالىدۇ ، خاچسىن ئۇنى پەقەتلا ياخشى كۆرمەيدۇ . يەنە كىلىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە قەدىمقى بىر ئارالغا بېرىپ يوقىلىپ كەتكەن ئاتا بوۋىسىنى ئىزدەشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئالدىنقى بۆلىمى ۋېرنانىڭ ئەسلى ئەسىرىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن ئىدى، بۇ قىتىمقىسىمۇ ئوخشاش ‹سىرلىق ئارال› نى ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن . بىراق يەنە نۇرغۇن جايلىرى ئىجادىيلىققا ئىگەن.
2-ئاينىڭ 17 كۈنى ‹ئالۋاستى چەۋەنداز ›


‹قارا تۈن› ئىلگىرى ئالۋاستى چەۋەنداز تەرىپىدىن دوزاق ئوتى تەرىپىدىن كۆيدۈرىۋېتىلگەن ئىدى ، بىراق نىمىشقىدۇ يەنە ئالاھىدە كۈچكە ئىگە بۇلۇپ قىلىپ قايتىپ كىلىپ يەنە روھ چەۋەندازىدىن ئۆچ ئالماقچى بولىدۇ . بىراق ئۇ روھ چەۋەندازىنىڭ ئاتا بىر ئانا باشقا ئىنىسى Danny Ketch نى ئۇچرىتىپ قالغان ئىدى .شۇنىڭ بىلەن ئۇ دەننى ۋە دەننىنىڭ سىڭلىسى بابارانى ئۆلتۈرمەكچى بولىدۇ .
2- ئاينىڭ 17- كۈنى <باتۇر ھەركەت >

ئاساسلىق تېما ماتىريالى ھازىرقى زاماندىكى قەھرىمانلارچە ھەربى ۋەزىپىلەر بۇلۇپ ،كۆپچىلىككە يىلپىز زەربە بېرىش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرىنىڭ كۆپچىلىك بىلىشقا تىگىشلىك ھەقىقى ئىش ئىزلىرىنى بايان قىلىدۇ .
3-ئاينىڭ 9- كۈنى< جون كاتىر >


‹مارىستىكى جون كاتىر › Edgar Rice Burroughs نىڭ ئوخشاش ئىسىملىك فانتازىيەلىك ھىكايىلەر توپلىمىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن . Edgar Rice Burroughs بولسا جاھانغا پۇر كەتكەن ‹ ئورمان ئادىمى تارزان› ناملىق كىنونىڭ ئاپتۇرى . ئۇ مۇشۇنىڭ بىلەن 11 دانە ‹ جون كاتىر › ناملىق خەتەرلىك ھادىسىلەر تەسۋىرلىنىدىغان فىلىمنى ئىشلىدى .
3-ئاينىڭ 23-كۈنى< ئىچىرقىغان ئۇيۇن. >


بۇ كىنو Suzanne Collinsنىڭ ئوخشاش ئىسىمدىكى ياش ئۆسمۈرلەر فانتازىيەلىك ھىكايلىرىگە ئاساسەن ئۆرگەرتىپ ئىشلەنگەن كىنو.
3-ئاينىڭ 30-كۈنى ‹ ئىلاھلار ئۇرۇشى2›


‹ ئىلاھلار غەزىپى› ‹‹ ئىلاھلار ئۇرۇشى› غا ئۆزگىرىپ داۋاملىشىۋاتىدۇ . بۇنىڭدا : دىفىت ھەدىس يەنە قايتىدىن باش كۆتىرىپ چىقىپ ،تىتان شاھى كىرونوس بىلەن بىرلىشىۋالىدۇ . ۋە زىيۇسنى تىرىك تۇتىۋېلىشنى ئارمان قىلىدۇ . شۇنداق قىلىپ پېرسۇس يەنە بىر قىتىم دۇنيانى قۇتقۇزۇش كۆرىشىگە ئاتلىنىدۇ . ‹ دىڭىز ئىلاھى › لىجىنا ۋە ‹ ئوت شاھى› ستون بىلەن بىللە باقى دۇنيا بېرىپ زىيۇسنى قۇتقۇزۇپ چىقىدۇ .
4- ئاينىڭ 6- كۈنى ئامرىكا يىغىلىشى4


بۇ كىنو ئالدىنقى بۈلۈم ‹ ئامرىكا يىغىلىشى 3: ئامرىكىدىكى توي › غا باغلىنىشلىق بۇلۇپ ، 1999-يىلى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقداشلار يىغىلىشى قىلىپ مەكتىپىگە قايتىش جەريانى سۆزلىنىدۇ .
4-ئاينىڭ 20-كۈنى <قورقۇنۇچلۇق چىقىراش >

بۇ فىلىمنىڭ ئاساسلىق ماتىريالى ‹ زۇلمەتتىكى تاجاۋۇز › ‹ تاغنىڭ كۆزى بار › ‹ يىلان يامرىغان ئايروپىلان › ‹ ئامرىكىدىكى غەلىتە پاراڭلار › قاتارلىق ۋەھىمىلىك كىنولارنى كومىدىيەلەشتۈرگەن .
5- ئاينىڭ 4- كۈنى <ئۆچ ئالغۇچىلار بىرلەشمىسى>


تۇيۇقسىز كەلگەن بىر كۈچلۈك رەزىل كۈچ يەر شارىغا ئۆلۈم خەۋپى تەھتىدى ئىلىپ كەلدى . ھىچقانداق بىر ئادەتتىن تاشقىرى قەھرىمان بۇنىڭغا تاقابىل تۇرالمايتتى . ئجىس ئىدارىسىنىڭمۇ بۇنىڭغا قىلچىلىك ئامالى يوق ئىدى . شۇنىڭ بىلەن باش قوماندان ‹ بىر كۆزلۈك پالۋان › نېك فارى ‹ دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك بىرلەشمە› قۇرۇشنىڭ زۆرۆرلىكىنى ھىس قىلدى . ھەرقايسى جايلاردىكى ئادەتتىن تاشقىرى قەھرىمانلارنى بىرلىكتە ھەركەتلەندۈرگەندىلا قاتتىق خەتەر ئىچىدە قالغان يەر شارىنى زۇلمەتتىكى ۋەھشى كۈچلەرنىڭ تاجاۋۇزىدىن ساقلاپ قالغىلى بولاتتى .
5-ئاينىڭ 11-كۈنى . زۇلمەتتىكى سايە.


60 -يىللاردىكى ئوخشاش ئىسىملىك تەبىئەتتىن ھالقىغان ۋەقەلىك تەسۋىرلەنگەن كۆپ قىسىملىق تىلىۋېزىيە تىياتىرىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن . بۇ تىلىۋېزىيە تىياتىرى 1225 قىسىمغا يىتەتتى .بۇ بىر كەيپىيات قاراڭغۇ بولغان تىلىۋېزىيە تىياتىرى . بۇ ئاساسى جەھەتتىن ۋەھىمىلىك كىنولاردىكى بارلىق ئوبرازلارنى ئۆزىگە يىغىنچاقلىغان . مەسلەن : قان شورىغۇچى ئالۋاستى ، غەلىتە مەخلۇق ، بۆرە ئادەم ، روھ ، تىرىك جەسەت قاتارلىقلار ..
5-ئاينىڭ 18-كۈنى <جەڭ پاراخوتى >


. جەڭ كىمىسى -بالىلار گۆھىرى بولۇپ ناھايىتى قەدىمى بىر ئويۇنچۇق ، يەنى ئىككى ئادەم بىرلىشىپ ئوينايدىغان ئىكران ئويۇنى ، 20- ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە قەلەم بىلەن قەغەزگە بىر گىرافىك سىزىش ئارقىلىقلا بۇنى ئوينىغىلى بولاتتى . كىيىن بالىلار گۆھىرى ئىلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇق بۇلۇپ تەرەققى قىلدى ،مانا ئەمدى كىنوغا قاراپ تەرەققى قىلدى .
5- ئاينىڭ 25- كۈنى ،< قارا كىيىملىق ئادەم . >


كىنودا قاراقوللار جەمىيىتىدىكى ياز ئۆتمۈشكە قايتىپ كىلىپ رازۋېتچىك كەينى ئۆلتۈرمەكچى بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ئىشلار يۈز بېرىدۇ .ۋېر شىمىس رازۋېتچىك جاينىڭ رولىنى ئالغان بۇلۇپ .ئۇمۇ 1969-يىلىغا قايتىپ كىلىپ ياشلىق دەۋرىدىكى كەي بىلەن بىللە ۋەزىپە ئۆتەيدۇ . ۋە بىرلىكتە يازنىڭ بۇدۇنيانى ۋەيران قىلىشتەك رەزىل پىلانىنى بىتچىت قىلىدۇ.
| تور بېكەت ھەققىدە | مۇلازىمەتلەر | سەھىپىلىرىمىز | ئېلان بېرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | ھەمكارلىشىڭ | بېكەت خەرىتىسى | پىكىر بېرىڭ |ئۇلــنىش تـور بېكىـتى |
| بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : ئۇيغۇر ياشلار تور بېكىتى گە تەۋە، بارلىق ھوقۇق تورداشلارغا مەنسۇپ، مەزمۇنلارنى ئېگىسىدىن سوراپ خالىغانچە كۆچۈرۈرۋېلىڭ !!!. |
| Copyright © 2003-2012 Yaxla Webseti. All Rights Reserved. Yaxla.Com 版权所有 |
| پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى |